
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر قانچە ئورگىنى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىز قوغلاش 7: ئېنېرگىيە تەرەققىياتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا يەنىلا 655 مىليون ئادەم توك ئىشلىتەلمەيدىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر جىددىي ھەم تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىلمىسا، پۈتۈن دۇنيا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى 7نى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، يەنى 2030-يىلىغا بارغاندا ھەممە ئادەمنىڭ قۇربى يېتىدىغان، ئىشەنچلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل زامانىۋى ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى رايونلار ئومۇمىي خەلقنىڭ توك ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېقىنلىشىۋېتىپتۇ، لېكىن سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، بۇ رايوندىكى 560 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم توك ئىشلىتەلمەيدىكەن، 970 مىليون ئادەم پاكىز پىشۇرۇش ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشەلمەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ