
مۇخبىرىمىز شۈ يۈياۋ
«قېنى تېتىپ بېقىڭە.» شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رىكازى شەھىرى بەيلاڭ ناھىيەسى ساڭدەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كارخانا مەسئۇلى يېڭىلا پىشقان بىر قاچا كۆكتات چۆپىنى سۇندى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە يېمەكلىك ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈخۇڭ چوكا بىلەن چۆپنى قىسىپ ئالدى، چۆپ قاتتىقراق بولۇپ، چايناش تەس ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر خىل سۇس سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تازىلىق شارائىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ھۈنەر-سەنئەت ۋە تەم جەھەتتە روشەن كەمتۈكلۈك بارلىقىنى، پىشۇرغان ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە، تەمىگە سەل سېسىق پۇراق سىڭىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
بۇ، بۇلتۇر يازدا، جاڭ يۈخۇڭ بەيلاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، 14-تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي يۈز بەرگەن بىر كۆرۈنۈش ئىدى.
بەيلاڭ ناھىيەسى شىزاڭدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، ئارپا ۋە كۆكتات تېرىش تارىخى ئۇزاق بولسىمۇ، ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش ئىزچىل كەمتۈكلۈك بولۇپ كەلگەنىدى. جاڭ يۈخۇڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېمەكلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى سېخقا تەكلىپ قىلىپ، ئۈگرىنىڭ تەمى، رەڭگى، ساقلاش مۇددىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تۈرمۇتۈر ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزدى. بۇ يىل 1-ئايدا، ياخشىلانغاندىن كېيىنكى ئارپا ئۈگرىسى رەسمىي بازارغا سېلىندى. تەمى يۇمشاق، ئەۋرىشىملىكى مۇۋاپىق بولۇپ، پىشۇرۇش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى، كۆكتات تەمى تەبىئىي ساپ بولدى.
كارخانا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «سېتىش مىقدارى بىردەمدىلا ئېشىپ كەتتى.ھازىر مەھسۇلاتلىرىمىز رىكازىدىكى نۇرغۇن سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىرگۈزۈلدى.» جاڭ يۈخۇڭنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇنىڭ باش بولۇپ ئالاقىلىشىشى بىلەن، بەيلاڭ ناھىيەسى «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى + پەن تەتقىقات ئورنى + كارخانا + دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسى» باغلانما مېخانىزمىنى ئورناتتى، ناھىيەدىكى كارخانىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئالاقىلىشىپ، تەجرىبىخانا نەتىجىلىرىنى تېزدىن سېخلارغا ئەمەلىيلەشتۈردى، سېخنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.
جاڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «تەتقىقات ئورنىمىزنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى بەيلاڭ ناھىيەسى بىلەن ئالاقە ئورناتتى، پارتىيە ئەزالىرى قەرەللىك يېزىلارغا بېرىپ پەن-تېخنىكا مەدىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيەلىك پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلمىي ماقالىنى ئېتىز-ئېرىق بېشىدا يېزىش ئەڭ چوڭ قىممىتىم ھېسابلىنىدۇ.»
بەيلاڭ ناھىيەسى ئارپا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون، ئۇزاقتىن بۇيان، ئارپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدىكى سۇغا بولغان ئېھتىياجى، سۇغىرىش بىلەن ھوسۇلنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ كەلگەنىدى. جاڭ يۈخۇڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەيلاڭ ناھىيەسىدە ئارپىنى سۇغىرىش نورمىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدى. جاڭ يۈخۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھوسۇلغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان تۆۋەن قاتلام سانلىق مەلۇماتى. ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەندىشىنى تۈگىتىش، تېخىمۇ مۇھىمى يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش بىر پارتىيەلىك كادىردا بولۇشقا تېگىشلىك ئويلىنىشتۇر.»
جاڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام خىزمىتى تۈرلۈك-تۈمەن، چىگىچ، بېسىم ناھايىتى ئېغىر. دەسلەپتە، مەندە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى بار ئىدى، لېكىن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ياخشى ئىشلەيمەن. گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دائىم يېزىلارغا بېرىپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى بەلگىلىك چۈشەنسەممۇ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ماڭا پەن تەتقىقات خىزمىتىدىن ھالقىپ يېزىلارنى يەنىمۇ چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.»
بىر يېڭى ئۆي. لوجياڭ بازىرىنىڭ تاڭجۆ كەنتىدە، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئوۋجۇ لوبۇ ئائىلىسىنىڭ كونا ئۆيىنى رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇزاققىچە مەبلەغ يېتىشمىگەنىدى. جاڭ يۈخۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىدارىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىئانە توپلىدى. پۇلنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن كۈنى، ئوۋجۇ لوبۇ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قويۇۋەتمەي: «ئەمدى ئۆي سېلىشقا ئىشەنچىم بار بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولدى!» دېدى.
بىر قوللانما. زىيارەت جەريانىدا، جاڭ يۈخۇڭ نۇرغۇن ئاممىنىڭ تاماق قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى، تۇز مىقدارى يۇقىرى، ياغ مىقدارى يۇقىرى، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ بىرقەدەر ئومۇملاشقانلىقىنى بايقىدى. «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش دورىسى.» ئۇ زاڭزۇچە ساغلاملىق ئوقۇشلۇقىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، ئاممىباب تىل بىلەن «تۇزنى ئازايتىش، ماينى ئازايتىش، شېكەرنى تىزگىنلەش»نىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەترەتنى باشلاپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، قوللانمىنى 1000 پارچىدىن ئارتۇق بېسىپ، قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە تارقاتتى.
بىر پارچە دوكلات. كەنتتە تۇرغان بىر يىلدا، جاڭ يۈخۇڭ پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مېڭىش ئالدىدا، ئۇ ناھىيەگە كەسىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق دوكلات قالدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللىرىنى كېڭەيتىشكىچە بولغان ئاجىز ھالقىلارنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، تەدبىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر يىل ئىلگىرى، جاڭ يۈخۇڭ پەن تەتقىقات خادىمى بولۇپ، تەجرىبىخانا، سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلمىي ماقالىگە پىششىق ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ بەيلاڭ ناھىيەسىدىكى 11 يېزا-بازاردىكى 111 مەمۇرىي كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىگە كىردى. كەنتتە تۇرغان بىر يىلدا، ئۇ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىدىن جەمئىي 1044 نى ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆزىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە باش قېتىنچىلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىم، بۇ، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا بولغان ئىشىنىش، مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.»
پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرگىنى يوق. جاڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولغانىكەن، بىز ئاممىنى بارغانسېرى شېرىن تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ