
مۇخبىرىمىز چېڭ يۈەنجوۋ
ياز كۈنلىرى، گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجوۋ شەھىرى مېيشيەن رايونى يەنياڭ بازىرىدىكى نەنفۇ يوۋزى ئۆستۈرۈش بازىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، شاخلار يوۋزى بىلەن لىق تولغانىدى.
يوۋزى ئۆستۈرگۈچى دېھقان خۇاڭ خۇڭ شادلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ھازىر يۇمران مېۋىلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق يوغىناش مەزگىلى، پەرۋىش قىلىش جايىدا بولسىلا يەنە مول ھوسۇللىق يىلنى كۈتۈۋالىمىز.» نەنفۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كەيجى ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا مۇنداق دېدى:«يوۋزىغا تايىنىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق، تۇرمۇشىمىز شېرىن ھەم گۈزەل ئۆتمەكتە.»
2025-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ مېيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى. باش شۇجى يې جيەنيىڭ خاتىرە باغچىسىغا كەلگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:«پارتىيە تارىخى تەشۋىقات تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.» نەنفۇ يوۋزى ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى:«يېزا-كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسى، پەن-تېخنىكىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»
مېيجوۋ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى پۈتۈن رايوندىكى ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ قىزىل ئاساسىي ئۇلىغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل بايلىقنى تەرەققىيات بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، يېشىل ئەۋزەللىكنى خەلقنى بېيىتىشتىكى ئاشۇرما مىقدارغا ئايلاندۇردى.
گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە چېگرالىنىدىغان مېيجوۋنىڭ تاغ-دەريالىرى ئارىسىدا ئىنقىلابىي ئىزنالار بار، مېيجوۋ پۈتۈن شەھەردىكى 509 قىزىل ئىنقىلابىي ئەسلىي جاي ۋە خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، 12 قىزىل مەدەنىيەت نام كارتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «قىزىل+» تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسىدىن ئارقا-ئارقىدىن 19نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى يولغا قويدى.
يەنياڭ بازىرىنىڭ خۇشىڭ كەنتىگە جايلاشقان يې جيەنيىڭ خاتىرە باغچىسى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خاتىرە ساراي ئىچىدىكى پىرويېكسىيە ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش يىللىرى مەنزىرىسى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سىن ماتېرىياللىرى، ئاقىل يېتەكلەش بەلبېغى ساياھەتچىلەرنى چۆكمە شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە 520 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات-ئۆگىنىش كوللېكتىپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 50 كە يېقىن ئاشقان.
مېيشيەن رايونى مېينەن بازىرى شۈيمېي كەنتى دۇڭجياڭ ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەسلىي ئورنىغا نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كەنت قىزىل يېزا-كەنت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇپ، «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى»نى يولغا قويۇپ، يەرلىك توخۇ قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. باقمىچى چيۇ شۆمېي مۇنداق دېدى:«ھازىر ئائىلىمىزدىكى 4000 دىن ئارتۇق يەرلىك توخۇنى سېتىشتىن قىلچە غەم قىلمايمىز.»
پەن-تېخنىكا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ موتورى. «ئىلگىرى يوۋزىنىڭ ھوسۇلى مۇقىم ئەمەس، سۈپىتى ناچار ئىدى، ھازىر پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يوۋزى ئۆستۈرۈلۈپ، < گۈزەل تاغ-دەريالاردىن ياخشى يوۋزى چىقىدۇ > دېگەن سۈپەتلىك ماركىنىڭ داڭقى چىقتى. »خۇاڭ خۇڭنىڭ يوۋزىزارلىقىدا مال توشۇيدىغان رېلىسلىق ئاپتوموبىل، شۇنداقلا باشقۇرۇش-ئاسراشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېنزور بار بولۇپ، ھوسۇل سۈپىتى مۇقىم ئۆستى. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ مېۋىلەرنىڭ شېرىن تەمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئۇزاققىچە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە قىلىشىمىز كېرەك!»
بىر يوۋزىنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر، ئۇنى يوۋزى تالىقىنى، يوۋزى پىرەنىكى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، مېيجوۋنىڭ يوۋزى ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 650 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 1 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئاشتى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. مېيجوۋ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، مېيجوۋ يوۋزىسى، كېدۇ گۈرۈچى، شىڭنىڭ كەپتىرى، كېجيا لۈچاۋ قورۇمىسى قاتارلىق كەسىپ داڭلىق ماركىلىرىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇردى، يىللىق ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ بېيىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى. 2025-يىلى مېيجوۋنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.8 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 24 مىڭ 502 يۈەن بولۇپ، %5.9 ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ