
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، خەلق رايىنىڭ ئارزۇسى»غا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تېخىمۇ زور سالماقتىكى مەركەزنىڭ يۆتكىمە چىقىم مەدىتىنى قولغا كەلتۈردى. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونغا 395 مىليارد 230 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.6 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ