
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى مياۋ شېڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تەپتىش ئورگانلىرى «ئۆزى پۇل يۇيۇش» بىلەن «باشقىلار پۇل يۇيۇش» جىنايەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، زەھەرگە چېتىشلىق مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زەھەرگە چېتىشلىق پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2025-يىل 1-ئايدىن 2026-يىل 5-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى زەھەرگە چېتىشلىق پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن 1200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەيىبلىدى. مەسىلەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان، چۇڭچىڭ تەپتىش ئورگىنى بېجىرگەن لى X بو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلىش، ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، پۇل يۇيۇش دېلوسىدا لى X بو مەۋھۇم پۇل ئارقىلىق 48 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل يۇغانلىقتىن، قانۇن بويىچە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ