شىنجاڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى، قىسمەن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ

2026.06.25 14:31 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى:

مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 29-كۈنى كۈندۈزگىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، شەرقىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ