
مۇخبىرىمىز ليۇ بوتۇڭ
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن رۇيفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى قانۇن بەلگىلىمىسىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانى، كونكرېت ۋەزىپىسى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىنى جاكارلاپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈم جەھەتتىن، قانۇن جەھەتتىن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسى ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.»
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ قانۇن رامكىسى سىستېمىلىق بەرپا قىلىندى
چېن رۇيفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىرىش پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر چوڭ ئىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم قانۇنىي تەدبىر.»
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى بايىن چاۋلۇ مۇنداق دېدى:«بۇ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا تەتقىق قىلىنغان تۇنجى قانۇن لايىھەسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى قانۇن چىقىرىشتا تۈر تۇرغۇزۇش، تەييارلاش، قاراپ چىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى.»
قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى 380 دىن ئارتۇق ئورۇندىن پىكىر ئېلىندى، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئېلىندى. ئىككى قېتىم تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن پىكىر ئېلىندى، 50 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بايىن چاۋلۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ ئۇسۇللار قانۇن چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.»
بايىن چاۋلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويىدىغان، مىللەتلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان تۈپ قانۇن. تۈزۈلۈش جەھەتتە مەخسۇس كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان قانۇن.»
مەزمۇن جەھەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم پىرىنسىپى ھەمدە ئالاقىدار سۇبيېكىتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زۆرۈر بولغان، مىللەتلەر ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان تۈزۈم-مېخانىزملار يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېنىق، مۇقىم بولغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزلىمە بېكىتىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي جيەنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
قانۇنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ساھەسىدىكى تۇنجى مەخسۇس قانۇن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ قانۇن رامكىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇنچىللىق يولىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇملۇق، ئۇزاق مەزگىللىك ئۇل كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.»
مىللەتلەر ساھەسىگە ئالاقىدار نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2012-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، بەش ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 250 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 8 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى مىسلىسىز بولدى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچمە نوپۇسى 33 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى شەھەر ۋە تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ دائىرىدە تارقاق ئولتۇراقلىشىدىغان، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان تارقىلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇەن يىجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كەيپىياتى قويۇقلاشتى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇن چىقىرىشتىكى مەقسەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئىسلاھات نەتىجىلىرى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە تۈزۈم-تەدبىرلىرىنى دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈم-مېخانىزمنى تەدرىجىي بەرپا قىلىمىز.»
يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ساھەسىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى.
لېي جيەنبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنى، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن، ۋەكىللەر قانۇنى، قانۇن چىقىرىش قانۇنى قاتارلىق ئون نەچچە قانۇننىڭ ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتى جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئۈزلۈكسىز تولۇقلاندى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.»
تۈرلۈك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا «ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش»، «ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار مەخسۇس بەلگىلەندى. چېن رۇيفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تۈرلۈك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىندى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيدۇ.
ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونى «يېڭى شەھەر ئاھالىسى»گە ئېنېرگىيە بېغىشلاش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.
ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.
چېن رۇيفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بەش يىل سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، بىز < جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى > نى تۈزۈشنى تاماملىدۇق، يېقىندا نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ كىتاب جەمئىي 11 توم، 4 مىليون 200 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ ۋېيليې مۇنداق تونۇشتۇردى:«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي خەلق بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە، يېزا-كەنت، مەكتەپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ