ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | «دابيېشەندىكى يىقىلماس قىزىل بايراق» ناملىق ھەقىقىي كۆرۈنۈشلۈك تىياتىردا دابيېشەندىكى قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى قايتا نامايان قىلىندى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» سەھىپىسىنىڭ خېنەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-زىيارەت ئۆمىكى

2026.06.25 16:10 مەنبە: خەلق تورى

«دابيېشەندىكى يىقىلماس قىزىل بايراق» ناملىق ھەقىقىي كۆرۈنۈشلۈك تىياتىرنىڭ نەق مەيدانى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ پېي فوتوسى

2026-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، «دابيېشەندىكى يىقىلماس قىزىل بايراق» ناملىق چوڭ تىپتىكى قىزىل رەڭلىك ھەقىقىي كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدىكى جياڭجۈن تېغى ئېتىكىدە قويۇلدى. سەھنىدە دابيېشەن تېغىنىڭ تاغلىق رايون قىياپىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئارتىسلار ئىنقىلابىي جەڭچىلەر ۋە كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى ئامما سىياقىدا ياسىنىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە تايانچ بازىنى چىڭ ساقلاۋاتقان جۇشقۇن كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرگە دابيېشەن تېغى روھىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلدۇردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ھەقىقىي كۆرۈنۈشلۈك تىياتىردا «قىزىل بايراق 28 يىل يىقىلمىغان» دابيېشەن تېغىنىڭ ئىنقىلابىي مۆجىزىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، «بىر قىزىل بايراق، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان بايراقدار» ئارقىلىق دابيېشەن تېغىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قىزىل تارىخ ۋە قەھرىمان شەخسلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ، دابيېشەن خەلقىنىڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسقانلىقىدەك قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى جانلىق قايتا نامايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ