
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ قانۇن ئىكەن. تۈزۈلۈش جەھەتتە مەخسۇس كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان بۇ قانۇن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان قانۇن بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ سىياسىيلىقى، پىرىنسىپاللىقى، جاكارلاشچانلىقى، يېتەكلەشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ