100 باشلامچى كارخانا شىنجاڭغا كېلىپ 6 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى

2026.06.25 14:38 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 2026-يىللىق «مەملىكەت بويىچە باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭغا كىرىش. ئۈرۈمچى سەپىرى» ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە ئاشلىق-ياغ ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، پاختا توقۇمىچىلىق، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت-ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىش، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق نەق مەيداندا 55 تۈر ئىمزالاندى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 6 مىليارد 342 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش قوش يۆنىلىشلىك يوللىرىنى ئېچىشقا كاپىتال ئېنېرگىيەسى ۋە كەسىپ ھاياتىي كۈچى قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ