فۇجيەن لۇڭيەن كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ياخشى ساقلاپ، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى پۇختا ئىشلەش (ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش سەپىرىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش)

2026.06.25 14:30 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ليۇ شياۋيۈ

فۇجيەن لۇڭيەن شەھىرى شاڭخاڭ ناھىيەسىدە، ئاق تام، كۆك كاھىشلىق گۇتيەن يىغىنىنىڭ كونا ئورنى ھەيۋەتلىك، ئاددىي ئىدى، «گۇتيەن يىغىنى مەڭگۈ پارلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

بۇ جاي پارتىيەمىز پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش پىرىنسىپىنى بېكىتكەن جاي، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە ئۇل سېلىنغان جاي، يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى تۇراقلاشقان جاي. يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم بۇ جايغا كېلىپ، گۇتيەن يىغىنى روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەۋج ئالدۇرغان.

2014-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىغا قاتناشتى. پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشكەندە، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللىشىمىز كېرەك.» 2024-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ناھىيە ئىقتىسادىنى زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.»

«ئۆتتى فۇجيەن، جياڭسۇدىن قىزىل بايراقلار ئۇچۇپ-پەرۋاز قىلىپ، شۇ پېتى لۇڭيەنگە ھەم شاڭخاڭغا تىكلەندى بېرىپ.» لۇڭيەن شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، قىزىل ئاساسى چوڭقۇر. لۇڭيەن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كونا ئىنقىلابىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئورمان ئىقتىسادى ئارقىلىق يۆلەش، پۈتۈن رايوننىڭ قىزىل مەدەنىيەت-ساياھىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، كەنتنى كۈچلەندۈرۈشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، قىزىل بايلىقنى تولۇق قېزىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.

لۇڭيەن شەھىرىدە 23 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان يېرى بار، «يېشىللىق»تىن پايدا ئېلىپ، «يېشىللىق»قا قاراپ ئىلگىرىلىدى، يېشىل رەڭ لۇڭيەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ روشەن تەگ رېڭىگە ئايلاندى. پۈتۈن شەھەردە ئورمان بېلىتى، كاربون بېلىتى قاتارلىق «بەش بېلەت تۈزۈمى» ئىسلاھاتى، ئورتاق بېيىش ئورمانچىلىق مەيدانلىرى مەخسۇس ياردەم پۇلى بېرىش يولغا قويۇلدى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون) لەر ئۆز بايلىقىغا تايىنىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەندى −

ۋۇپىڭ ناھىيەسى ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىدىن پايدىلىنىپ تاشلىنىپ قالغان تاغلارنى جانلاندۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن جايلاردا سىننابار يىلتىزىنى يېتىشتۈردى، ئورمان ئاستىدىكى گۈل-گىياھلارنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛

چاڭتىڭ ناھىيەسىنىڭ سىدۇ بازىرى شاڭجياۋ كەنتىدە، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شۇيچاڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئورمانلىقتا مېھرىگىياھ، سەنيېچىڭنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، ئۆزى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرى شۇنىڭ بىلەن بىللە يەر ئوبوروت پۇلى، ئىش ھەققى، پاي ھوقۇقىدىن بۆلۈپ بېرىلگەن پايدىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىرىمگە ئېرىشتى؛

شاڭخاڭ ناھىيەسى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئورتاق بېيىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيەنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلدى، لۇڭيەندىكى شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەنگە چۈشۈپ بۇ ناھىيەنىڭ سەيشى بازىرىغا ياردەم قىلدى ۋە يۆلىدى. سەيشى بازىرى شىبېي كەنتىدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە، ئاقىل مېۋە-كۆكتات تېرىقچىلىقى، تۆگىقۇش باقمىچىلىقى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كىشىلەر ئىشىكى ئالدىدىلا ئەمگەك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى. ..

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، لۇڭيەن «بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە مۇكاپاتلاش-ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. 2025-يىلى، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 61 مىليارد 997 مىليون يۈەنگە، ئورمان ئىقتىسادى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 27 مىليارد 575 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 180 مىڭ ئورمانچىلىق قىلىدىغان دېھقانغا نەپ يەتكۈزدى.

لۇڭيەن پۈتۈن رايون مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، قىزىل بايلىقنى خەلقنى سىجىل بېيىتىشتىكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرماقتا.

شاڭخاڭ ناھىيەسىدىكى لىنجياڭ راۋىقى بويىدا، تىڭجياڭ يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت ئېسىل بۇيۇملىرى مارجاندەك تىزىلغانىدى، تىڭجياڭ دەرياسى مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ ھالىتى كېڭىيىپ، لىنىيە بويىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ مېۋە-كۆكتات كەسپى، يېزا-كەنتلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

چاڭتىڭ ناھىيەسىنىڭ جۇڭفۇ كەنتى قىزىل 9-جۈنتۇەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي بولۇپ، 30 نەچچە جايدىكى قىزىل يادىكارلىق مۇكەممەل ساقلانغان، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەۋلادى جۇڭ مىڭ ئىككى ئەۋلاد كىشى كۈچ ئۇلاپ خالىس چۈشەندۈردى. 30 دىن ئارتۇق دۇكان توردا زەنجىۋىللىك كەمپۈت، تاڭبېي لاۋجيۇ ھارىقىنى ساتىدۇ. 2025-يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 22 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

باغلارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، قىزىل كوچىلاردا ساياھەتچىلەر كۆپ بولدى. لۇڭيەن شەھىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سەرخىل لىنىيەسىدىن 35 نى بەرپا قىلىپ، گۇتيەن يىغىنى ئېچىلغان جاي، لىنجياڭ راۋىقى، جۇڭفۇ كەنتى قاتارلىق نۇقتىلارنى تۇتاشتۇردى، 2025-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىك ساياھەت تىجارەت كىرىمى 3 مىليارد 232 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«لۇڭيەندىن ئىبارەت بۇ قىزىل مۇنبەت تۇپراق يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە سىجىل ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن ئىبارەت تەگ رەڭنى ياخشى ساقلاپ، خەلقنى بېيىتىپ، كەنتنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپلەرنى پۇختا ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنى كۈندىن-كۈنگە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ» دېدى لۇڭيەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ شېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ