
مۇخبىرىمىز ۋاڭ جوۋ، جاڭ ياڭ
پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى.
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى ھەم باش ئورۇنغا قويۇلدى. پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيىدا «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش» يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نى «14 تە چىڭ تۇرۇش»نىڭ مۇھىم بىر تەرىپى قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەگەر ماركسىزملىق پارتىيە سىياسىي جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى يوقىتىپ قويسا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىشىمىزنىڭ داۋلىسى» دەپ كۆرسەتتى.
پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.
سىياسىي يۆنىلىش پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن سەپەر توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى: «قىزىل ئارمىيە ئوتلاقتىن ئۆتكەندە، ئاشپەز يولداش ئورنىدىن تۇرۇپلا، بۈگۈن پىشۇرغۇدەك گۈرۈچ بار-يوقلۇقىنى سورىماي، ئاۋۋال جەنۇبقا ماڭامدۇق ياكى شىمالغا ماڭامدۇق دەپ سورىغان.» سىياسىي قۇرۇلۇش سىياسىي كومپاسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بۇيرۇقنى ھېچكىم ئاڭلىمىسا، قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن! » دەپ كۆرسەتتى.
يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ سەمىمىي، چوڭقۇر بولغان پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ماختىدى. ئۇرۇش يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ جۇشى رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلغانىدى. جاڭ ليەنشېڭ تۇرۇشلۇق مەركىزىي زۇڭدۈي «4-چوڭ ئەترەت»نىڭ تېلېگىراممىرلىرى يەتكۈزگەن «تىت-تىت، تىت-تىت» قىلغان ئاۋاز دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ جۇشىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چۈشۈرگەن بىرلا بۇيرۇق بىلەن 3 مىليوندىن ئارتۇق 1-شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بىرىنچى سەپكە كىرىپ ئورۇنلاشتى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە تەپتىش قىلىش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار بايلىققا ئايلاندى، بۇنىڭ ئارقىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى بار. ..ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان، ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلار يېڭى دەۋردە ئەمەلىيلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ «مەركىزىي بارگاھتىكى باش قوماندان»غا تاياندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىغا تاياندى.
ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەت بولۇشى شەرت.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشى بولسا، كىشىلەر قەلبى رايىش بولىدۇ، توغرا كەيپىيات يېتەرلىك بولىدۇ.» ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ كاپالىتى.
توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي سادىق، ئىشەنچلىك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىر ئىشلىتىش كېرەك؛ «يولۋاس»، «چىۋىن»، «تۈلكە»لەر پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلا بولسىلا، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە قاتتىق جازالاش كېرەك؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشەببۇس قىلغان غايەـ ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئېسىل ئەنئەنىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. ..
«1-ئىيۇل ئوردېنى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ بولۇپ، 2021-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى نامىدا «1-ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى. بۇ دەۋرگە بولغان مەدھىيە، «ئالىيجاناب كىشىلەردىن ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەردىنمۇ ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن ئۈمىد.
پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، خەلق رايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى چىڭ ئىگىلەش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «خەلق قەلبى، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى توپلاشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك» دەپ مېغىزلىق يىغىنچاقلاپ بەردى.
2013-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. بۇ ھەم يېڭى دەۋردىكى تۇنجى قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە بولدى.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپقا سىڭدۈرۈلگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىچكى ئېھتىياجدىن كەلگەن بولۇپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت سەمىمىي، ساپ ھېسسىياتى تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان.
«بىز بىرئاز بىئارام بولساق، قىينالساق، پۇقرالارنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ياخشى بولىدۇ، رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ». مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاۋۋال ئۆزىنى چەكلەپ، ئاندىن باشقىلارنى چەكلىگەنلىكى»نى كۆرسەتتى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە»، ئۇ «ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، يەنە كېلىپ ئەستايىدىل ئىش قىلىدۇ».
«ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەش، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. » باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا پىكىر ئالدى؛ تور ئەھلىنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا «ئەڭ زور سىياسىي»نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
خەلق رايى ئۆلچەم. مۇشۇ يىللاردا، باش شۇجى خەلق بىلەن بىللە بولۇپ، مۇنداق نۇرغۇن تارىخىي ئۆلچەمنى شەكىللەندۈردى: «باش شۇجى، ياخشىمۇسىز! سىز چىرىك ئۇنسۇرلارنى بويسۇندۇرغۇچى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بەخت يۇلتۇزى! »، «بىزنىڭ بۇ يەردىكى پۇقرالار سىزنى. ..قانداق ئىپادىلىسەم بولار، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ! »
پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلەش، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنى كۆزلەشتۇر. بىر پارتىيە خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى مەركەز قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلغاندا، خەلق شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ