رونالدو تارىخ ياراتتى

2026.06.24 14:35 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، 2026-يىللىق ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ K گۇرۇپپا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى يەڭدى. رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزدى، ئۇ داڭلىق توپچى يۇسىبىئودىن ئېشىپ، 10 توپ بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى مەرگەن شاھى بولۇشتىن يالغۇز بەھرىمەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رونالدو تارىختا ئۇدا ئالتە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن تۇنجى توپچىغا ئايلاندى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ گۇرۇپپا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى، ئۆزبېكىستان كوماندىسى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، رەت تەرتىپى ئەڭ ئاخىرىدا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ