شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى 2025-يىلى 284.49 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى

2026.06.24 14:40 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى 2025-يىلى زەھەر دېلوسىدىن 789نى پاش قىلىپ، 284.49 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزگەن شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ «26-ئىيۇن» زەھەر چەكلەش تەشۋىقات كۈنى باش تېمىسىدىكى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، شىنجاڭ گۇڭئەن زەھەر چەكلەش تارماقلىرى «مەنبەدىن تازىلاپ ئېقىمنى ئۈزۈش» قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىر يىلدا زەھەر دېلوسىدىن 789 نى پاش قىلىپ، 1220 زەھەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، تۈرلۈك زەھەردىن 284.49 كىلوگىرامنى قولغا چۈشۈرگەن. ھازىر، شىنجاڭنىڭ زەھەر ئەھۋالى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ