
6-ئاينىڭ 23-كۈنى، خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C909 تىپلىق ئايروپىلانى «ئاق قۇ نومۇرلۇق» ئاساسىي تېما قىلىنغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ سىلىق قونۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى-خېجىڭ-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ، قەشقەر-تاشقورغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C909 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان 2- ئېگىزلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2506.85 مېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى 2-ئېگىز ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قېتىمسى، ئايرودۇرۇمدا 2024-يىل 8-ئايدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ