
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە «قايتا ھەربىيلەشتۈرۈش»نى ھە دەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىرغۇچى قوراللار ئېكسپورتىنى چەكلەشنى بىكار قىلىپ، رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قېتىم ھەمتۈرتكە بولۇپ، قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلالايدىغان ئۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى، خەلقئارا قانۇن-تۈزۈم ۋە «مەخسۇس مۇداپىئە كۆرۈش» قاتارلىق پىرىنسىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپكە جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ ماختىنىدىغان «تىنچ دۆلەت» ئوبرازىغا زىت. ياپونىيەنىڭ «يېڭىچە مىلىتارىزم»نىڭ ئاپەتكە ئايلىنىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىشىدىن خەلقئارا جەمئىيەت يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئۇنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ