دۆلىتىمىزدە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش پىدائىيلىقىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 7 مىليون 390 مىڭدىن ئاشتى

2026.06.24 14:38 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، 10-قېتىملىق «جۇڭگو ئەزا تەقدىم قىلىش باش تېما پائالىيىتى كۈنى»دە، دۆلەت ئۆپكە كۆچۈرۈش سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن جىڭيۈ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «10 يىل ئىلگىرى، يىراق ئارىلىقتا ئەزاغا ئېرىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، تەقدىم قىلىنغان ئەزا يۈننەندىكى چەت، يىراق كىچىك شەھەردىن شاڭخەيگە يۆتكەپ توشۇلدى، پۈتۈن مۇساپىنى تۆت-بەش سائەت ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ھەتتا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەقدىم قىلىنغان ئەزانى ھەمراھسىز توشۇشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. يېشىل يول ئۆپكە، يۈرەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاز دېگەندىمۇ %30 ئۆستۈردى.»

مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش پىدائىيلىقىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 7 مىليون 390 مىڭدىن ئاشقان، جەسەت ئەزاسىنى تەقدىم قىلغانلارنىڭ سانى 66 مىڭدىن ئاشقان، تەقدىم قىلىنغان ئەزا ئومۇمىي سانى 150 مىڭدىن ئاشقان. 2025-يىلى، دۆلىتىمىزدە جەسەت ئەزاسىنى تەقدىم قىلغانلارنىڭ سانى 6931 گە، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 799 غا يېتىپ، 2024-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4 ۋە %4.5 ئېشىپ، ھەر ئىككىلىسىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ