ئىككى تارماق: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى «شۇ كۈنى سېتىۋالسا، شۇ كۈنى نومۇر تاختىسى ئېسىشقا بولىدۇ»

2026.06.24 14:38 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 23-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامە ئۇچۇرلىرىدىن ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرىلىنىش يېڭى ئەندىزىسىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى «شۇ كۈنى سېتىۋالسا، شۇ كۈنى باج تاپشۇرۇش، شۇ كۈنى نومۇر تاختىسى ئېسىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يېڭى ئەندىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامە ئۇچۇرىنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىلەن گۇڭئەن تارماقلىرى ھەر ۋاقىت ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى «سېكۇنت ئىچىدە» يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، نومۇر تاختىسى ئېسىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

كارخانىلار لاياقەتلىك گۇۋاھنامە ۋە ئالدىن تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىغا بىرتۇتاش يوللىسا ھەمدە گۇڭئەن تارماقلىرى بىلەن ئورتاق بەھرىلەنسە، ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تارماق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلچەملىك سۈرەت سانىنى ئازايتتى، قەغەز ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلمايدىغان بولدى، بۇ كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بۇ قولايلىقتىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ