گەنسۇنىڭ خۇينىڭ ناھىيەسى قىزىل مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى-

ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇچرىشىش شەھىرىدە مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش (ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش سەپىرىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش)

2026.06.24 14:33 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز دۇڭ خۇڭلياڭ، زېڭ يىچېن

گەنسۇنىڭ خۇينىڭ ناھىيەسى، قىزىل مۇنبەت تۇپراق.

جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1-، 2-، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قارلىق تاغلارغا يامىشىپ، ئوتلاقلاردىن ئۆتۈپ، جاپا-مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ، 1936-يىل 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ 1-، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى خۇينىڭ ناھىيەسىدە غەلىبىلىك ئۇچراشتى، قىزىل ئارمىيەنىڭ 1-، 2-يۆنىلىش ئارمىيەسى جياڭتەيپۇدا غەلىبىلىك ئۇچراشتى.

«مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 33.33 مېتىر بولۇپ، ئۈچ مۇنار ئوراپ تۇرىدۇ.» ئۇچرىشىش مۇنارى ئاستىدا، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان چۈشەندۈرگۈچى ياڭ جاۋتۇڭ قولىنى كۆتۈرۈپ مۇنار گەۋدىسىنى كۆرسەتتى: «قىزىل ئارمىيە ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ بەلگىسى.»

قىزىل ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك ئۇچرىشىشى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ «ئۇچرىشىش شەھىرى» دېگەن گۈزەل نامىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، شۇنداقلا بۇ تۇپراققا مول ھەم قىممەتلىك قىزىل بايلىق قالدۇردى − بۇ يەردە قىزىل ئارمىيەنىڭ 20دىن ئارتۇق ئۇرۇش خارابىسى، 1000 دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى تولۇق ساقلىنىپ قالغان. ھەربىي گىلەم، خۇرۇم جۇۋا، قىلىچ، مىس چۆگۈن... خۇينىڭ ناھىيەسى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسى خاتىرە سارىيىدا، ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى خۇددى قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

2024-يىل 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «گەنسۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مول، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى مول. قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئۈلگە ۋە دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، چاڭچېڭ، ئۇزۇن سەپەر، خۇاڭخې دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى ياخشى قۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەتچىلىكنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.»

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خۇينىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قىزىل مەدەنىيەتنى كۆرگەزمە سارىيىدىن تاغ-دەريالار، ئېتىز-دالىلارغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگۈزدى.

خۇينىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسى خاتىرە سارىيى، قىزىل ئارمىيە خۇينىڭ ئۇچرىشىش كونا جاينى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسى ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسى مەنزىرە باغچىسى ئىچىدىكى كىچىكلىتىلگەن مەنزىرە توپىغا تۇتىشىدۇ. جىلغا، قىيا، ئېدىرلارنىڭ ئەسلىدىكى يەر شەكلىگە تايىنىپ، باغچە رايونى لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋېلىش، لازىكۇدا كەسكىن جەڭ قىلىش قاتارلىق نادىر ئۇزۇن سەپەر مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى خۇددى نەق مەيداندا تۇرغاندەك، چۆكۈش شەكلىدە ھەيۋەتلىك مۇساپىگە قايتا نەزەر سالدۇردى.

خۇينىڭ ناھىيەلىك قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگەندە، «كىچىك قىزىل ئارمىيە دەرسخانىسى»دا داقا-دۇمباق ئاۋازى جاراڭلاپ تۇراتتى، مەكتەپنىڭ چىنچياڭ تىياتىرى كۇرۇژۇكى ھازىرقى زامان چىنچياڭ تىياتىرى «قىزىل ئارمىيە كەنتىمىزگە كەلدى»نى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. خۇينىڭ ناھىيەلىك مۇزېي بىلەن بىرلىكتە تەربىيەلەپ، قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى 40 ئوقۇغۇچىنى «كىنىشكىلىك چۈشەندۈرگۈچى» بولۇشقا تاللاپ، بالىلار ئاۋازىنى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان جانلىق ۋاسىتىگە ئايلاندۇردى.

ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش ھەم تارىخقا نەزەر سالغانلىق، ھەم تەرەققىياتقا گۇۋاھ بولغانلىق− ئىلگىرى چوڭقۇر جىلغا، تاغلاردا قاپسىلىپ قالغان كونا ئىنقىلابىي رايونلار بۈگۈنكى كۈندە يول تورى گىرەلىشىپ، قاتنىشى قولايلاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خۇينىڭ ناھىيەسى قاتناش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى 6178 كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. ئىلگىرىكى تاغ يولى بويىدا، چىڭخەي-لەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، دۆلەت تاشيولى 312-لىنىيەسى، دۆلەت تاشيولى 247-لىنىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەنىڭ كېسىشكەن جايىغا قىزىل مەدەنىيەت باش تېما قىلىنغان «قىزىل ئۆتەڭ» جايلاشقان.

«ئەسلىدە بالامنى ئېلىپ كېلىپ ئۆتەڭدە قىسقا ۋاقىت ئارام ئالماقچى ئىدىم، ئۇزۇن سەپەر باش تېمىسىدىكى قاپارتما نەقىشلىك تام، ئۈچ يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ يۈرۈش قىلىش يول خەرىتىسى ئارقىلىق قىزىل ھېكايىلەرنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن» دېدى جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى فېڭ يابو.

ئۆتەڭدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس پوكىيىدە قارا ئاشلىق، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. «نۇرغۇن كىشى قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن ئۆتەڭگە كېلىدۇ، ئۆتەڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ.» ئۆتەڭنىڭ مەسئۇلى ليۇ خەنشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قىزىل ئۆتەڭ يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 8 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇچراشقان چاغدىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچرىشىش بىناسى ئالدىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بۇ يەردە بىر پارچە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ، قىزىل ئىنقىلابىي كونا جايغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ھېس قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ