
شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىران ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران قانۇن دوختۇرلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىراندا جەمئىي 3519 ئادەم يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە: ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئەر 3002، ئايال 517 ئىكەن. باياناتچى ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيەت قۇرۇلمىسى، رايونلارغا تارقىلىشى ۋە ئۆلۈش، يارىلىنىش سەۋەبى قاتارلىق تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ