دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەسكەرتىشى

ناركوز دورىلىرىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك

2026.06.23 15:46 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا مۇنداق ئەسكەرتتى: ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى جەزمەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە رېتسېپقا ئاساسەن سېتىۋېلىش، ئۆلچەملىك ئىشلىتىش، ئىشلىتىش جەريانىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئۆز مەيلىچە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە ياكى دورا مىقدارىنى تەڭشەشكە بولمايدۇ. ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى ئالداپ سېتىۋالغان، ئالداپ ئېلىۋالغانلار، ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر زەھەر جىنايىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن ھەمدە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 39-قېتىملىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، زەھەر ئەپيۈن، خېروئىن، مۇزسىمان زەھەر قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن دورىلار گەرچە ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا خۇمار قىلىش خەتىرىگە ئىگە، مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە نېرۋا، نەپەس سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن، سېتىۋالغاندا، ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇش، ھوشيار بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ