ھەربىر يۈرۈش ئۆيگە 8000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ! ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدۇ

2026.06.23 15:45 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدە قانۇن بويىچە «تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسى» ياكى «تاۋار ئۆينى نەق مەيداندا سېتىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ئالغان يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغان، «تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى» ئىمزالىغان ھەمدە سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇددىتى ئىچىدە توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرغان ئۆي سېتىۋالغۇچى (تەبىئىي شەخس)لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھەربىر يۈرۈش ئۆيگە 8000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن، پەقەت بىر قېتىملا بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ئىلتىماسنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەرتىپى بويىچە تارقىتىلىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، نىمكەش ئۆي، ئەرزان-قولاي ئۆي، سەپلەپ سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ، ياتاق بىناسى، دۇكان، خىزمەت بىناسى، ئاپتوموبىل توختالغۇسى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قاتارلىق غەيرىي تاۋار ئۆيلەر بۇ قېتىمقى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ