ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: 2025-يىلى 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 24 ئادەمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ سۈرۈشتۈردۇق

2026.06.23 15:37 مەنبە: خەلق تورى

بۇ يىل دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتىنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان تەپتىش خىزمىتى مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشقان، تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش-تەربىيەلەش تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان. سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ئېغىر، جىنايەت خاراكتېرى قەبىھ، ۋاسىتىسى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان جىنايەتكە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالىغان.

2018-يىلىدىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 349 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىگەن. 2025-يىلى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن 24 كىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ سۈرۈشتۈرگەن. جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى يېنىكرەك، جەمئىيەتكە يەتكۈزىدىغان خەۋپى بىرقەدەر كىچىك بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايىتىگە قارىتا، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك قىلغان، قوشۇمچە شەرت بىلەن 144 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىمىگەن، %95تىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جىنايەتكە چېتىشلىق 7100 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە تەربىيەلىشى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ