
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشتا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن 30 پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئەمەلدار پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ