شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ھۆلچىلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى جىددىي قۇتقۇزدى

2026.06.22 15:51 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، شىنجاڭنىڭ خوتەنۋىلايىتىدە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇر سۈيى تېشىپ كېتىپ، تەۋەلىك رايوندىكى نۇرغۇن جايدىكى يېزا-كەنتلەردە ئېغىر ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆرۈلدى، بىر قىسىم ئۆيلەرگە سۇ كىرىپ زىيانغا ئۇچراپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. خەتەرلىكئەھۋال يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھاماندەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، جىددىي يىغىلىپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا كېچىلەپ يېتىپ بېرىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ