«پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز شەرت» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.06.22 15:56 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز جاڭ ياڭ

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، شۇنداقلا پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇلۇغ دەۋر ئىلمىي ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىلمىي ئىدىيە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما ھېسابلىنىدۇ.

2016-يىل 10-ئايدا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ‹ئىككى 100 يىل›لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز شەرت.»

پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقشتا، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

30 يىل ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن، 2000 كىلومېتىردىن ھالقىغان فۇجيەن-نىڭشيا ھەمكارلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەرقىي-غەربىي رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي-غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىق خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:«فۇجيەن-نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، قوللىنىش كېرەك»، «رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى.

پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلاتتىن كېلىدۇ. يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشقان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېما تاكامۇللاشتۇرۇلغاندىلا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە «بەدەن بىلەكنى، بىلەك بارماقلارنى باشقۇرۇپ ئەركىن-بىمالال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىن بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلگىچە، يەنە دائىملاشقان دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەشكىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، تاغلىق يېزىغا ئاتلاندى.

بىر نىيەتتە بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە ماڭغانلىقىمىز نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

2022-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ‹مۇستەھكەم پولات›تەك ئۇيۇشۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى كېرەك.»

پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقشتا، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

«ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەنئەندىكى ‹گەمىدىكى سوئاللار›غا داۋاملىق ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە قىلغان بۇ بىر ئابزاس سۆز سەگەك تارىخىي ئاڭلىقلىقنى، قەتئىي تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ئاي بولمايلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.

بىر ھالقىلىق مەسىلە ھەل قىلىنسا، ھەممە ئىش جانلىنىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان نۇرغۇن ناتوغرا ئىستىللار چەكلەندى، كۆپ يىللاردىن بۇيان يوقىتىش تەس بولغان بەزى جاھىل كېسەللىكلەر تۈگىتىلدى، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:«پارتىيەمىزنىڭ قايتا-قايتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، بىز پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردۇق.»

پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتۇق.

يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى:«يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈشى كېرەك.»

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى-شىمالىنى كېزىپ چىقتى، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئېتىقادى ئىللىقلىققا تولغان ھەربىر دەقىقىگە سىڭىپ، ئاممىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىغا ئايلاندى.

«خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىش كېرەك.» پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«‹تەكلىپ› ئارگىنالىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاش گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ، ‹15-بەش يىل› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئومۇمىي تەلەپ.»

«خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.» ھازىر، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلماقتا. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرمەكتە.

«پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ چىقساق، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئىشلىرىمىز يۆلەنچۈككە ئىگە بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ