شەنشى يۈلىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدى

قىزىل گېنغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش (كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يېڭى ئىشلار)

2026.06.22 15:50 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز جيا فېڭفېڭ

شەنشى يۈلىن خۇڭجيەنناۋ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، قۇم توپىلىق ئۇۋىدا يۇمران سېرىق مامۇق پەيلىك چايكا چۈجىلىرى بىر-بىرىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغان بولۇپ، قۇشلار بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسىيىپ تۇراتتى.

چايكا دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى. كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىم جيا جېڭيۆ ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېلېكامېرا ئارقىلىق كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ئارالدىكى ئۇۋا رايونىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. «چايكىلارنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش مۇھىتىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» جيا جېڭيۆ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل چايكىلارنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، كۆل رايونىدا جەمئىي 2247 ئۇۋا ياسالدى. ھازىر 5000 دىن ئارتۇق چايكا چۈجىسى ئارقا-ئارقىدىن تۇخۇمدىن چىقتى.»

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خۇڭجيەنناۋ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق تاتلىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى چايكا كۆپىيىدىغان ۋە ياشايدىغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى. سەھەردە، زۇمرەتتەك دولقۇنلاردا مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان چايكىلار پەرۋاز قىلىپ، ئاق قاناتلىرى قۇياش نۇرىدا جىمىرلايدۇ، سايرىغان ئاۋازى قۇملۇق يۈزىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ.

بۇ ھاياتىي كۈچ تەستە قولغا كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، كىلىماتنىڭ ئىللىپ قۇرغاقلىشىشى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە، خۇڭجيەنناۋ كۈنسېرى كىچىكلەپ، سۇ قۇشلىرى ئازىيىپ كەتكەنىدى. 2015-يىلى، كۆل يۈزىنىڭ كۆلىمى ئاران 31.5 كىۋادرات كىلومېتىر قېلىپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ سۇ رايونىنىڭ يېرىمىغىلا توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى، چايكىلارنىڭ سىيماسى كۈنسېرى ئازىيىپ كەتكەنىدى.

خۇڭجيەنناۋدا سۇ ئازىيىپ كەتتى، چايكىلارغا ماكان كېرەك ئىدى.

2021 ـ يىل 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا: «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولى»نى ئېچىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

شىمالىي شەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىل گېن ئاللىقاچان يۈلىندىن ئىبارەت بۇ جاينىڭ سۇ-تۇپرىقىغا سىڭىپ كەتتى. يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، چايكىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قۇمنى تىزگىنلەش، كۆلنى گۈللەندۈرۈش، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا تىرەك بولۇپ كېلىۋاتقان سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداش ئۈچۈن، يۈلىن كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇردى − رايون ھالقىپ ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاپ، كۆل يۈزىنىڭ سۇ ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى؛ قىرغاقنى ماشىنا بىلەن مۇستەھكەملەپ، لاي-لاتقىلارنى تازىلاپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆپىيىش ئارىلىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا دۆۋىلەپ ئەسلىگە كەلتۈردى؛ بېلىقلارنى كۆپەيتىش بىلەن سۇغا قويۇپ بېرىشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، چايكىلارنىڭ ئوزۇق ئىزدىشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى. ..

«بىز 20 نەچچە كىشىلىك مەخسۇس چايكا مۇھاپىزەت قىلىش كىچىك ئەترىتى تەشكىللىدۇق، ئۈچ بەن نۆۋەتلىشىپ دىجۇرنىلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ماسلىشىپ ئېگىز بوشلۇقتا چارلاپ تەكشۈرۈپ، پۈتۈن رايون بويىچە ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېلېكامېرا ئۇۋىسى رايونىدا سۈرەتكە تارتتى. ئۇۋا ياساش، تۇخۇمدىن چىقىرىشتىن چۈجە بېقىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا مۇداپىئە توسۇقىنى مۇستەھكەملىدۇق» دەپ تونۇشتۇردى جيا جېڭيۆ.

سۇ جانلاندى، كۆل كېڭەيدى، قۇشلار كەلدى −

«يالغۇز چايكىلارلا ئەمەس، 197 خىل قۇش تۈرى خۇڭجيەنناۋ كۆلىدە ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن 14 ى، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن 33 ى بار» دېدى جيا جېڭيۆ.

بۈگۈنكى كۈندە، يۈلىن ھەيۋەتلىك «چېگرا رايون ئورمان شەھىرى»گە ئايلاندى: «14-بەش يىل»دىن بۇيان، جەمئىي تاماملانغان ئورمان بىنا قىلىش ھەم ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 6 مىليون 913 مىڭ 800 مو بولۇپ، 10 مىليون مولۇق ئىھاتە ئورمان بەلبېغى خۇددى يېشىل سەددىچىن سېپىلىدەك ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شەنشىنىڭ يېشىللىق دائىرىسىنىڭ شىمالغا 400 كىلومېتىر كېڭىيىشىگە كۈچ قوشتى.

«<15-بەش يىل>دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنى بۇ تۇپراقتا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى يۈلىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شېڭلى.

كەچكى قۇياش ئالتۇن رەڭلىك نۇرلىرىنى شورلۇق كۆل يۈزىگە چاچتى. «تاغ جىلغىلىرى گۈزەل، دەل-دەرەخلەر گۈزەل، يېشىل ئوت-چۆپلەر سۈپسۈزۈك سۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. ..» يېڭى ئىشلاردىن قەلبلەر ئىللىدى؛ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يېڭى ئىشلاردا يېشىل يېڭى سەھىپە يەنە داۋاملاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ