شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

2026.06.18 14:45 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىللىق شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، جايلاردىكى مائارىپ-ئىمتىھان تارماقلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئىمتىھانغا بىخەتەر بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:30 دىن 13:00گىچە تىل-ئەدەبىيات، 16:30دىن 18:30غىچە فىزىكا، خىمىيە (بىرىكمە ئىمتىھان قەغىزى)؛ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:30دىن 12:30غىچە ماتېماتىكا، 16:30دىن 18:30قىچە ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تارىخ (بىرىكمە ئىمتىھان قەغىزى)؛ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10:30 دىن 12:30 غىچە چەت ئەل تىلى.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئۈرۈمچى ئىمتىھان رايونىدا تىزىملاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 45 مىڭدىن ئاشىدىكەن. جەمئىي 140 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1872 ئىمتىھان مەيدانى، 140 زاپاس ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ