ئىران كوماندىسى مۇسابىقىدىن كېيىن ئامېرىكىدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇلدى

2026.06.17 14:59 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى G گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئىران كوماندىسى بىلەن يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.

مۇسابىقىدىن كېيىن، ئىران دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى غالېنوئېي مۇنداق بىلدۈردى: كوماندىمىز تۇيۇقسىز ئامېرىكىدىن دەرھال ئايرىلىشقا بۇيرۇلۇپ، 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مېكسىكىنىڭ تيۇانادىكى تۇرۇشلۇق جايىغا قايتتى.

ئىران كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى غالېنوئېي ئىران كوماندىسىنىڭ ئامېرىكىدىن ئايرىلىش بۇيرۇقىنى كىمنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ۋە خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىمۇ بۇ ئىشقا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

«مېنىڭچە كوماندىمىز بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان كوماندا بولۇشى مۇمكىن.»

مۇسابىقە كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئىران كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى قالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس، سېئاتلدا ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ