
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى «بالىلارنىڭ كىلىمات خەۋپ-خەتىرى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاز دېگەندە بىر خىل كىلىمات ئاپىتى خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كىلىمات ئاپىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، ھەربىر بالا دېگۈدەك ئاز دېگەندە بىر خىل كىلىمات ئاپىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، مەسىلەن، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، بوران-چاپقۇن ياكى زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن بالا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن كىلىمات ئاپىتىگە دۇچ كەلمەكتە. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرغاقچىلىق، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئىسسىق دولقۇن پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان كىلىمات ئاپىتى بىرىكمىسى بولۇپ، تەخمىنەن 296 مىليون بالىغا تەسىر كۆرسىتىۋېتىپتۇ، قۇرغاقچىلىق، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە تىروپىك بەلباغ بوران-چاپقۇن بىرىكمىسى تەخمىنەن 115 مىليون بالىغا تەسىر كۆرسىتىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا 4 مىليون بالا ھەتتا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ بولغاندا ئالتە خىل كىلىمات ئاپىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋېتىپتۇ.
بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق بالىلارغا دېگۈدەك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، تەخمىنەن 1 مىليارد بالا بەزگەك كېسىلى خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پارنىك گازى قويۇپ بېرىش تېزدىن ئازايتىلمىسا، كىلىمات ئاپىتى تېخىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كىلىماتقا ماسلىشىش ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ كىلىمات ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ