
چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جياڭلىڭ چايخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جياڭلىڭ چايخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جياڭلىڭ چايخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جياڭلىڭ چايخانىسى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
چايخانىدا شەھەر ئاھالىسى سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى فېڭ ۋېنيەن فوتوسى
چايخانىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى چۆكمە سۇپا رايونىدا شەھەر ئاھالىسى سۈرەتكە چۈشكەچ ئارام ئالماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى فېڭ ۋېنيەن فوتوسى
چايخانىنىڭ 2-قەۋىتىدە شەھەر ئاھالىسى چاي ئىچكەچ ئارام ئالماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى فېڭ ۋېنيەن فوتوسى
چايخانا پوكىيىدە ئايىغى ئۈزۈلمەي چاي، تاماق بۇيرۇتۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسى. خەلق تورى مۇخبىرى فېڭ ۋېنيەن فوتوسى
ئىلگىرىكى كىنو-تىياتىرخانا چايخانىغا ئايلاندى.خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
ئىلگىرىكى كىنو-تىياتىرخانا چايخانىغا ئايلاندى. خەلق تورى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
يېقىندا، چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى داشىباغا جايلاشقان ئەسلىدىكى جياڭلىڭ زاۋۇتىنىڭ كىنو-تىياتىرخانىسى كاتتا بۇرۇلۇشنى تاماملاپ، يىللار ھېسسىياتى ۋە دەۋر ئەسلىمىلىرى لىق تولغان كونا ئىمارەتتىن ئالقىشلىق داكا قىلىدىغان جاي «جياڭلىڭ چايخانىسى»غا ئايلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلىپ، يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
چايخانا ئىچىدە ئەسلىدىكى كىنوخانىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلمىسى ھەمدە خىش تام، كىنو ئېلانى، پولات قۇرۇلمىلىق تورۇس قاتارلىق ئامىللار ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، دەۋر تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. 1-قەۋەتتە چاي، ئۇششاق يېمەكلىك ھەم ئاددىي تاماق بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ 2-قەۋەتتە ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ، چۆكمە شەكىلدىكى سۇپا تەسىس قىلىنغان؛ 3-قەۋەت بولسا كۆرۈش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان چاي ئىچىش رايونى.
چايخانىدا قەرەلسىز ھالدا يەنە سىچۇەن تىياتىرى، ئوركېستىر نەق مەيدان مۇزىكىسى، چاي سەنئىتى ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەسىراتىنى بېيىتتى.
چوڭقۇر سانائەت ئاساسىغا ئىگە چۇڭچىڭدا كونا زاۋۇت ئۆيى، كونا بىنا، سانائەت مىراسلىرى قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك شەھەر ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي شەھەرنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشى ئۈستىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئىزدىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە سانائەت ئەسلىمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، كونا بايلىقلارنى جانلاندۇردى. بىر قاتار كونا ئىمارەتلەر كۆڭۈل قويۇپ جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئارقىلىق، كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ