
رۇەنكې ئاپپاراتى جۇڭگو داشۆلىرىنىڭ 2026-يىللىق كەسىپ رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى 16 ئالىي مەكتەپنىڭ 374 كەسپى تىزىملىككە كىردى
6-ئاينىڭ 15-كۈنى، رۇەنكې ئاپپاراتى جۇڭگو داشۆلىرىنىڭ 2026-يىللىق كەسىپ رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى 16 ئالىي مەكتەپنىڭ 374 كەسپى تىزىملىككە كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە، A+ كەسىپ سانى بىر، A كەسىپ سانى 14، B+ كەسىپ سانى 151، B كەسىپ سانى 208.
تىزىملىككە كىرگەن كەسىپلەرنىڭ سانىدىن قارىغاندا، شىخەنزە داشۆسىدە جەمئىي 82 كەسىپ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرغان؛ شىنجاڭ داشۆسى 79 كەسىپ بىلەن 2-ئورۇندا تۇرۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (44)، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى (31)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى (23)، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى (22)، تارىم داشۆسى (22) قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىككە كىرگەن كەسىپلىرى بىردەك 20 دىن ئاشقان، بۇ شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ كەسىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تولۇق نامايان قىلغان.
رۇەنكې ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگو داشۆلىرىنىڭ كەسىپ رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلىش ئوبيېكتى تەسىس قىلغان مەكتەپ سانى تۆتتىن كەم بولمىغان كەسىپلەر بولۇپ، ھەربىر كەسىپ بويىچە ئېلان قىلىنغىنى رەت-تەرتىپتە ئالدىنقى %50 ئىچىدە تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئىكەن، بۇ يىل 1132 ئالىي مەكتەپنىڭ 30 مىڭ 710 كەسپى تىزىملىككە كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەسىس قىلغان مەكتەپ سانى تۆتتىن ئاز بولغان كەسىپلەر «خاس كەسىپ»لەرگە ئايرىلغان، لېكىن رەت-تەرتىپكە كىرگۈزۈلمىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ