
شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، SpaceXنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈندە %19 ئۆرلەپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 2 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بازارغا سېلىنغان ئومۇمىي بازار قىممىتى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ دۇنيا بويىچە 6-ئورۇنغا ئۆتتى؛ SpaceXنىڭ پېيى سودىلىشىش مەزگىلىدە بىر مەھەل %30 تىن ئارتۇق ئۆرلىدى، فوربېس بايلار تىزىملىكىنىڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى بىر مەھەل 1 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، SpaceX نىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى تەخمىنەن 400 نەپەر خىزمەتچىسىنىڭ ھېساباتىدىكى پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماسك جۈمە كۈنى چۈشتىن سىتارباس پورتى بازىسىدىكى قوڭغۇراق چېلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «SpaceXنىڭ نىشانى ئىنسانلارنى ئاي شارى، مارسقا ئەۋەتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ يىراق پىلانېتىلارغا قاراپ مېڭىش.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ