
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ كەي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ