«زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى يەنىلا خەلقنىڭ ساغلاملىقى» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.06.15 13:50 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز بەي جيەنفېڭ، شى يۈ

تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ساغلاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا تۇرىدۇ.

«ساغلام جۇڭگو قۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە موھتاج.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سىنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا-سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

«زامانىۋىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى يەنىلا خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بۇ خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ ئىشنى چىڭ تۇتۇشتا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت جەزمەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىدىيە بولۇشى كېرەك.» 2021 - يىل 3 -ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىش بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك. »جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى سەپىرىدە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساغلام تۇرمۇشقا يېڭى ئۈمىد باغلىدى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك −

2021-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

ئۆتكەن ئىشلار خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا كۆز ئالدىدىن كەتمىگەنىدى. شاشيەن رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شاشيەن رايونلۇق باش دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋەن شياۋيىڭنىڭ ئەينى چاغدىكى مەنزىرە ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە: دوختۇرخانىنىڭ 1 - قەۋەت زالىدىكى بىر كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى. «پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى» دېگەن بۇ سۆز كۆرگەزمە تاختىسىنىڭ باش تېمىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆرگەزمە تاختىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يىلمۇيىل يېڭىلىنىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

«ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش شۇ ئۆلكىدە ھەل قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالىتىش شەھەر، ناھىيەلەردە ھەل قىلىنىدۇ، دائىم بولۇپ تۇرىدىغان باش ئاغرىش، قىزىپ قېلىشلار يېزا ـ كەنتلەردە داۋالىنىدۇ.» ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش.

«مەن سىلەرنىڭ ئىسلاھاتىڭلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. بۇ بىر خىل دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش روھى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدىكى ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىللىق ۋە قەتئىي ئىدى.

2012-يىلىدىن باشلاپ، سەنمىڭ تېببىي دورىگەرلىك ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ سەپەرگە ئاتلاندى. «ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش»تىن «ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىرىش»كىچە، ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سەنمىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

دۆلىتىمىز ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى ۋە تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا سىجىل ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتلىك تېببىي مەركەز، دۆلەتلىك رايون داۋالاش مەركىزى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ساغلاملىق «نەتىجە قەغىزى»: دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئەنئەنىۋى تېببىي دورا سىستېمىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى؛ %90 تىن ئارتۇق ئاھالە 15 مىنۇت ئىچىدە ئەڭ يېقىن داۋالاش نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدۇ؛ 2025-يىلى ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 79.25 ياشقا يەتتى، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە 80 ياشقا يېتىشىدىن ئۈمىد بار؛ خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك −

«كۆزەينەك تاقىغانلاردىن قانچىسى بار؟ » «تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلدىڭلارمۇ؟» بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 23- كۈنى، بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپى شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى تولۇقسىز 1 - يىللىق 2 - سىنىپتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا شۇنداق سورىدى، بالىلار خۇشال ھالدا جاۋاب بەردى.

چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سەمىمىي ئېيتىلغان سۆز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش»نى تەلەپ قىلدى.

«كىچىك كۆزەينەكلىكلەر»دىن «كىچىك بودەك»لەرگىچە، تەنتەربىيە دەرسىدىن ئوزۇقلۇق تامىقىغىچە، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەتراپلىق يېتىلىشى باش شۇجىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مېھىرلىك كۆڭۈل بۆلۈش بولدى.

دىققەت بالىلارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئالدىنى ئېلىش، تاسقاپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، ساغلاملىقتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئېشىپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېخىمۇ ساغلام بولدى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى ۋە تاماكا چېكىش نىسبىتىدە بىردەك تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، ساغلاملىق يادرولۇق كۆرسەتكۈچى سىجىل ياخشىلاندى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل تېشىنى سالدى −

«ساغلاملىق بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى. ساغلاملىق 1، باشقىلىرى كەينىدىكى 0، 1 بولمىسا ھەرقانچە كۆپ 0 نىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.»

1 بىلەن 0 نىڭ دىيالېكتىكىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ ھەم ساغلاملىق يولى، ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى؛ ھەم «كىچىك رېتسېپ»، ھەم «چوڭ رېتسېپ».

«ئاممىنى ئاز كېسەل بولۇش، كېيىنرەك كېسەل بولۇش، ئېغىر كېسەل بولماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز.» ۋەن شياۋيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شاشيەن ناھىيەلىك، رايونلۇق باش دوختۇرخانا 2023-يىلىدىن باشلاپ كېسەللىك باشقۇرۇش مەركىزى ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا جەزمەن دۆلىتىمىز دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن بەخت يولى يېيىلماقتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلاملىق ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ