

تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى

ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى

ئىشچىلار ئاپتوموبىل تەگلىكىنى قۇراشتۇرماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى

ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ماسلىشىشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى

ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى باش قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىدىن بىر كۆرۈنۈش. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى

ئىشچىلار ئاپتوموبىل بولتىسىنى چىڭىتماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى

زاۋۇتتىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى

ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چۈشكەن ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىللىرى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى
ۋۇخۇ شەھىرىنىڭ يىجياڭ رايونىغا جايلاشقان چىرۇي سودا ئاپتوموبىل شىركىتى ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالارغا ئۇرۇلىدىغىنى كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى ئاۋاز ئىدى.
يەل كۇلۇچنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازى، شامال پۈركۈگۈچنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى، تەگلىك ماشىنىسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى... ئۆزئارا گىرەلىشىپ بىر ئۆزگىچە سانائەت «ئۇسسۇل مېلودىيەسى»نى ھاسىل قىلغانىدى.
باش قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ مەشغۇلاتى ناھايىتى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن بىر دەقىقىمۇ توختىماپ قالمايتتى.
ھەربىر رىتىم ئالدىغا سۈرۈلسە پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقتىن دېرەك بېرەتتى. بۇ يەردە ھەممەيلەن پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، پەقەت سايمانلارنىڭ رىتىمى، ماتېرىياللارنىڭ تېگىشىشدىن ھاسىل بولغان ئاۋازلار بىلەن سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىن ئاندا-ساندا ئاڭلانغان قىسقا بۇيرۇقلارلا بار ئىدى.
ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئايلىنىپ، ئىش ئورۇنلىرى ئالدىراش، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. كەپشەرلەشتىن سىرلاشقىچە، ۋاگون جازىسىدىن ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇشقىچە، ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇپ، ھازىر كۈنىگە 80دىن 120گىچە ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتكۈزەلەيدۇ.
مەھسۇلات مىقدارى قانچە ئاشقانسېرى، سۈپەتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى ئەكسىچە شۇنچە چىڭىتىش كېرەك.
سېختىكى پېشقەدەم ئۇستام مۇنداق دېدى:«جەرياننى تەكشۈرۈشتىن پۈتۈن ئاپتوموبىلنى سىناق قىلىشقىچە، ھەربىر ھالقىغا مۇناسىپ مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىش خادىملىرى سەپلەنگەن. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقىرىلغان ھەربىر ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەممىسى سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.»
ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بۇ خىل جەسۇرانە ئىستىل دەل چىرۈي شىركىتىنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، بارلىق خادىملار جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى.
ۋۇخۇ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدىكى گۈرۈلدىگەن ئىشلەپچىقىرىش ئاۋازىدىن تاكى ئاپتوموبىللارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاشيوللاردا يولغا چىقىشىغىچە بولغان جەرياندا ليەنخې ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئۆزگىچە بۆسۈش يولىنى ئاچتى. ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئايرىلغان ئاشۇ دەقىقە پەقەت ھېكايىنىڭ مۇقەددىمىسى خالاس؛ ھەربىر ئاپتوموبىل تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر باشلانغاندا، بۇ ھېكايىنىڭ نەتىجىسى جەزمەن ئادەتتىكىچە بولمايدۇ.
چىرۇي سودا ئاپتوموبىل شىركىتى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى كەسپىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ماڭىدىغان 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپنى قايتا بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، پىكا، يېنىك تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىش نەتىجىسىنى تۈز سىزىق بويىچە ئاشۇردى.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 5-ئايدا، چىرۈي سودا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ يەككە ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 10 مىڭ 9 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %255 ئېشىپ، ئۇدا 17 ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 ئېشىپ، كەسىپتە سېتىش مىقدارى بىلەن ياخشى باھانى ماس قەدەمدە ئاشۇرغان ئاز ساندىكى ئۈلگىلىك كارخانىغا ئايلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ