
خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ

گۈزەل دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇملىرى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى
گۇاڭشى سەنجياڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چىڭخۇا كەشتىخانىسىغا كىرگىنىمىزدە، 61 ياشلىق ۋېي چىڭخۇا قىزى تەن گۈيجېن بىلەن دېرىزە ئالدىدا يانمۇيان ئولتۇرۇپ، ئۆزگىچە ماھارىتىنى نامايان قىلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ نۇسخا ئارگىنالىنى ئالدىن سىزىۋېلىشى ھاجەتسىز بولۇپ، بېغىشىنى يېنىك ئايلاندۇرسىلا، نەقىشلىك كېپىنەك قىزىل قەغەزدىن «ئۇچۇپ» چىقاتتى، بۇ دەل دۇڭزۇ كەشتىچىلىكىدىكى ئۆزگىچە «قەغەز قىيما كەشتە» ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ. دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، قەغەز قىيما، كەشتىچىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ۋېي چىڭخۇا بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسىدۇر.
ۋېي چىڭخۇا مۇنداق دېدى:«كەنتتىكى بارغانسېرى كۆپ ياش سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۇرتىغا قايتقاندا يەنىلا مىللىيچە كىيىم كىيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بەزىلەر دائىم مەندىن كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى سېتىۋالىدۇ، مەن بۇ ھۈنىرىمنىڭ يەنە تەرەققىي قىلىش بازىرى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.»

بىر يىڭنە بىر يىپتىن كەشتىلەنگەن گۈزەل نەقىشلەر. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

چىن گۈيجېن كەشتىخانىدا كىمخاب توقۇماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

ۋېي چىڭخۇا (سولدىن 2-كىشى) كەشتىچى ئاياللارنىڭ دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. گۇڭ پۇكاڭ فوتوسى

ۋېي چىڭخۇا (سولدا) قىزى تەن گۈيجېن بىلەن بىللە دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇملىرىنى تىكمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

ۋېي چىڭخۇا (ئوڭدا) قىزى تەن گۈيجېن بىلەن دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى ھۈنەر-سەنئىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ياڭ شياۋلېي فوتوسى
2018-يىلى، ۋېي چىڭخۇا قىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن، چىڭخۇا كەشتىخانىسىنى قۇردى ھەم «كارخانا+بازا+ۋارىسلىق قىلغۇچى+كەشتىچى ئاياللار+زاكاز» ئەندىزىسىنى ئىجادىي قوللىنىپ، شۇ جايدىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي گۇاڭشى «گۇيلىندىكى چياۋنياڭ» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ھۈنەرخانىسىنىڭ ۋەكىللىك بازىسىغا ئايلاندى، ئانا-بالا ئىككىيلەن كەشتىچى ئاياللارنى جەمئىي 3000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەپ، ئۆيىدە قالغان 300 گە يېقىن ئايالنىڭ كېلىشىم ئىمزالاپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەشتىچى ئاياللار 110 دىن ئاشتى.
سەنجياڭ جەنۇبىي ۋوگزالى دۇڭئەن مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق كەشتىچى ئايال ياڭ خۇايىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلسام، بالام ئۆيدە قېپقالاتتى؛ ھازىر ئۆيدە كەشتە تىكىپ، بىر يىلدا سىرتتا ئىشلىگەندىن 4000-5000 يۈەن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان، يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇم.»

كەشتىچى ئايال ياڭ خۇايىڭ ئۆيىدە زاكاز بېرىلگەن كەشتە بۇيۇملىرىنى تىكمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى
ۋېي چىڭخۇا دۇڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى قولدا تىكىش ئاساسىنى چىڭ ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەشتىچى ئاياللارنى باشلاپ مىللىي مەدەنىيەت بىلەن مودىنى بىرلەشتۈرۈش يولى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، قەدىمىي دۇڭزۇ كەشتىچىلىكىنىڭ مودا قىياپەتتە نامايان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇلارنىڭ دۇڭزۇ كەشتىچىلىكىنى كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياراتقان 12 مۈچەل بىلەيزۈكى، بۇلاپكا، ھالقا قاتارلىق يېنىك ئىجادىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يىل 5-ئايدا، دۇڭزۇ 12 مۈچەل كەشتە بىلەيزۈكى ئاۋمېن بېلىقچىلار پىرىستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۇاڭشى بىلەن ئۇچرىشىش» مەدەنىيەت-ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن مېھمانلارنىڭ ياقتۇرۇشى، تونۇشتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، چىڭخۇا كەشتىخانىسى بىلەن خۇنەن داشۆ ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلغان دۇڭزۇ كەشتىچىلىكى قەغەز قىيما ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەنە مىلان لايىھەلەش ھەپتىلىكىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، دۇڭزۇ كەشتىچىلىكىنىڭ ساھە ھالقىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئىجادىي نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىندى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان دۇڭزۇ كەشتە بىلەيزۈكى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

دۇڭزۇ كەشتىسى ئىجادىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

سۇجوۋ كەشتىچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇمى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى

چىن گۈيجېن دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇمىنى كۆرسەتمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ خۇاجوۋ فوتوسى
تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دۇڭزۇ كەنتىدىن مودا ئالدىنقى سەپ سەھنىسىگىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تەۋە دۇڭزۇ كەشتە بۇيۇملىرى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى كەشتىلەپ چىقتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ