
2025-يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت شەخسلەر بېجىنى جەملەپ ھېسابلاش 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 160 مىليوندىن ئارتۇق كىشى جەملەپ ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىغان، 110 مىليوندىن ئارتۇق كىشى باج قايتۇرۇشنى بېجىرگەن، باج قايتۇرۇش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17تىن كۆپرەك ئاشقان.
شەخسىلەر تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇشتا، قايسى تۈرلەر باجنى كېمەيتىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ سىياسەتكە ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان پەرزەنت تەربىيەسى، داۋاملىق تەربىيە، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش، تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈمى ياكى تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بويىچە مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تۈر بويىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرلۈك مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىشتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەر توپى ئىچىدە، 30 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياش، ياشلار ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئادەم سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشقان، بەھرىمەن بولغان باج كېمەيتىش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90 تىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ