يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىپ، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى 5 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى

2026.06.11 15:44 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجە-ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەردان مۇقىيىت مۇنداق تونۇشتۇردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىم رايونلار ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق غەربىي قىسىم رايونلاردىكى 5 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ