24 باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پات ئارىدا كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ! ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

2026.06.11 15:44 مەنبە: خەلق تورى

2026 ـ يىللىق مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 6 ـ ئايدىن باشلاپ، مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 24 ى ئارقا ـ ئارقىدىن 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، 2 ـ، 3 ـ پەسىللىك ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقە تورى، تېلېفون، خەت-چەك قاتارلىق 3 خىل يول ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوكلات قىلغان مەسىلە، يوشۇرۇن خەۋپ يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1.ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار؛ 2.ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش؛ 3.بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشتا ساختىلىق قىلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىش، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى.

2026-يىللىق مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش 2-، 3-پەسىللىك مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى يىپ ئۇچىنى ئاشكارا تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى جەملەش، قوبۇل قىلىش تور ئادرېسى ۋە ئىككىلىك كود تۆۋەندىكىچە:

https://khxc.mh.mem.gov.cn

قوبۇل قىلىش تېلېفونى

4000004470

ئەسكەرتىش: تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، سائەت 8:00 دىن 12:00 گىچە، 14:00 تىن 18:00 گىچە.

خەت-چەك ساندۇقى:

پوچتىدىن خەت ئەۋەتكەندە خەت ساندۇقىنىڭ ئادرېسىنى ئۆلچەملىك يېزىڭ: «بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى A01301 پوچتا خەت ساندۇقى».

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ