خەيكوۋ تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن يولۇچى ئېلىپ ماڭغان 958 تال مەرۋايىتنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى

2026.06.11 15:42 مەنبە: خەلق تورى

«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، خەيكوۋ تاموژنىسىغا قاراشلىق خەيكوۋ مېيلەن ئايروپورت تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا، تاموژنىدىن ئۆتۈش يېشىل يولىنى تاللىغان بىر يولۇچىنىڭ يۈك-تاق بۇيۇملىرىنى ماشىنىدا تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال بۇ يولۇچىنى توسۇپ تەكشۈرگەن. چاماداننى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 958 تال مەرۋايىتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەن. كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، يۇقىرىقى بۇيۇملارنىڭ دېڭىز سۈيىدە يېتىشتۈرۈلگەن مەرۋايىت بولۇپ، قىممىتى 152 مىڭ 500 يۈەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

نۆۋەتتە، بۇ دېلو تاموژنا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارمىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ