
مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ مائارىپ-ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، تولۇق كۇرس ئارزۇسىنى تولدۇرۇش بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن، تۇنجى قېتىملىق ئارزۇ تولدۇرۇش 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، تولدۇرۇلغان ئارزۇنى توپلاش ۋاقتى قوبۇل قىلىش جەريانىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولدۇرۇپ بولغان ئارزۇ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندا، ئەگەر شۇ تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىلانى تاماملانمىسا، ئەھۋالغا ئاساسەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى توپلىنىدىكەن. تولدۇرۇلغان ئارزۇنى توپلاش ۋاقتى بېيجىڭ مائارىپ-ئىمتىھان يۇرتىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ