جياڭشى جىئەن شەھىرى جىڭگاڭشەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى −

كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى (ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش سەپىرىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش)

2026.06.11 14:21 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز جوۋ خۇەن، لى پېيياڭ

6-ئايدا، جياڭشى جىئەننىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى ماۋپىڭ بازىرى شېنشەن كەنتىگە كىرگەندە، تاغنىڭ ھەممە يېرىدە ياپيېشىل بامبۇكلار ئىرغاڭلاپ تۇرغانلىقىنى، سېرىق شاپتۇللارنىڭ شاخلارغا ھۆسن قوشۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.

كەنت ئاھالىسى زو شياڭيۈننىڭ بامبۇك بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ئۆيىدە تولۇق ئاپتوماتىك ئويۇش ماشىنىسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، «بۇ بامبۇك بۇيۇملارغا تايىنىپ، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن! » دېدى زو شياڭيۈن.

«ئىلگىرىكى نامرات، چەت جاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە قىياپىتى ئۆزگەردى. » شېنشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ جەنياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: خاس كەسىپلەرنى، يېزا ـ كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە تىجارەت كىرىمى يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى، «بۇلتۇر كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن ـ ئاخىر چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2016 ـ يىل 2 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنشەن كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇرتداشلارنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ. » 2023 ـ يىل 10 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى.»

جىڭگاڭشەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى. 90 نەچچە يىل ئىلگىرى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار جىڭگاڭشەندە تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى، جۇڭگو ئىنقىلابى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىئەن شەھىرى جىڭگاڭشەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىشقا پۇختا قەدەم بىلەن ئاتلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىش. بۈگۈنكى كۈندىكى جىئەن شەھىرى گۈزەل تاغ، گۈزەل دەريالار ئارقىلىق ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈردى، لېكىن يەنە بىر مەھەل كەسىپلەر كىچىك، تارقاق، ئاجىز بولۇش، قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن بولۇش، سېتىش يوللىرى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

قانداق قىلغاندا بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ جىئەن شەھىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ماركا يېتىلدۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى رىقابەت كۈچىگە ئايلاندۇردى: «جىڭگاڭشەن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق«ئۆلچەم بويىچە تېرىش، ماركا يارىتىپ سېتىش ئارقىلىق، سېرىق شاپتۇلنىڭ سېتىلىش باھاسى %20 ئۆستى! » دېدى شېنشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لو لىنگېن. 2025-يىلى، «جىڭگاڭشەن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايون ئاممىۋى ماركىسىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 20 مىليارد 682 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %58 ئاشتى. نۆۋەتتە، جىئەن شەھىرىدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن 118 ى شەكىللەندى.

شىنگەن ناھىيەسى خېشېڭ سومكا-چامادان چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا، چىچىن بازىرى دۇڭگو كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى دېڭ شياۋفېڭ ئەپچىللىك بىلەن يىپ يۆتكەۋاتاتتى، «ھەر ئايلىق كىرىمىم خېلى ياخشى، خىزمەت قىلىش، ئائىلەمدىكىلەردىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدىم. » شىنگەن ناھىيەسىدە سومكا-چامادان كەسپىگە ئالاقىدار كارخانىدىن 615 ى توپلانغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىپ، 30 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

جىڭگاڭشەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جىئەن ناھىيەسى، جىشۈي ناھىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى توپلاشقان رايون بەرپا قىلدى، يۇڭشىن ناھىيەسى دەرىجىدىن تاشقىرى تالا بىرىكمە يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شياجياڭ ناھىيەسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىيوتېببىي دورا كەسپى ئېگىزلىكى بەرپا قىلدى. ..جىئەن شەھىرى ئالتە يېتەكچى كەسىپنى كۆزلەپ يولغا قويدى، ناھىيە، رايونلار ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ نۇقتىدا تەرەققىي قىلدى.

ئورتاق بېيىش يولىدا «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.» جىئەن شەھىرى «ئادەم ئادەمنى كۆزىتىش، ئائىلە ئائىلىنى كۆزىتىش»تەك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىق كېلىپ چىقىش خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى ئائىلىمۇئائىلە تەھلىل قىلىپ، تۈرلۈك ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرلىرىنى نىشانلىق ئەمەلىيلەشتۈردى؛ يۆلەش كەسىپ بازىسىدىن 2815 نى قۇرۇپ، 84 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2025-يىلى، جىئەن شەھىرىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 23 مىڭ 731 يۈەنگە يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن %43.9 ئاشتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى سەپەردە، جىئەن شەھىرى جىڭگاڭشەن روھىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خاس ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ» دېدى جىئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن يۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ