
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېقىندا، داۋاملىق ئەۋەتىلگەن مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن تۆتى ئون جاي ۋە ئورۇنغا كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى.
كىرىپ ئورۇنلىشىش بويىچە كۆرۈشۈش يىغىنىدا، مەركەزنىڭ ھەرقايسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داۋاملىق ئەۋەتىلىگەن مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كونكرېت تەلىپىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، يېتەكچىلىك ۋە تەپتىشلىك خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.
مەركەزنىڭ ھەرقايسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى داۋاملىق ئەۋەتىشتىكى سىياسىي ئويلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، تۈزۈم-قائىدىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، يېتەكچىلىك ۋە تەپتىشلىك خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى داۋاملىق ئەۋەتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يېتەكچىلىك ۋە تەپتىشلىكنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىش-تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، پائال ماسلىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى شۇ رايون، شۇ ئورۇننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ