شى جىنپىڭ كانادانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى لۇئىس ئاربورغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026.06.10 14:22 مەنبە: خەلق تورى

 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇئىس ئاربورغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كانادانىڭ 31-نۆۋەتلىك باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. مەن جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي ئاربور بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش روھى بويىچە، جۇڭگو - كانادانىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يولدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ