دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 2026-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەربىي مەكتەپلەر تەخمىنەن 17 مىڭ 500 نەپەر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

2026.06.10 14:33 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئارمىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

بىر مۇخبىر: 2026-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز.

جاڭ شياۋگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2026-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ھەربىي مەكتەپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 17 مىڭ 500 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ