مېيىپلەرگە يۈزلىنىپ نىشانلىق خادىم تەكلىپ قىلىش

بېيجىڭدىكى 75 كەسپىي ئورۇن 86 ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

2026.06.10 14:32 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىللىق بېيجىڭ شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا مېيىپلەرگە يۈزلەنگەن نىشانلىق تەكلىپ قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلاندى، 75 كەسپىي ئورۇن 86 ئادەمنى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، كەسپىي تېخنىكا قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلايدۇ.

2023-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرى كەسپىي ئورۇنلارغا مېيىپلەرنى مەركەزلىك، نىشانلىق تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى. بارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالايدىغان بەدەن شارائىتى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، مېيىپلىك تۈرى، مېيىپلىك دەرىجىسى چەكلەنمەيدۇ ھەمدە ئوقۇش تارىخى، كەسىپ، خىزمەت مۇددىتى قاتارلىق چەكلىمىلەر كەڭ قويۇۋېتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مېيىپلەرنىڭ قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتى كۆپەيتىلىدۇ.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار 135 نەپەر مېيىپ كىشىنى نىشانلىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 44 ى ئالىي مەكتەپنى شۇ يىلى پۈتكۈزگەنلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ