مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ

2026.06.10 14:31 مەنبە: خەلق تورى

مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشىنىڭ 2 ـ، 3 ـ پەسىللىك ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەركەزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەقەلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، پەسىللىك ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە بېرىپ، چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بايقالغان كان، خىمىيە سانائىتى، پوجاڭزا ـ ساليۇت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش، سانائەت ـ سودا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى تىپىك ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يەرلىكنىڭ تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى كەينىگە ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ