بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مېييىجيانىڭ باش ئىشتابى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشتى

2026.06.09 13:43 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ۋېيشىن سالونىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر مەزگىلدىن بۇيان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا بايقالغان ۋە تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان مېييىجيانىڭ نۇرغۇن دۇكانلىرىدا ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىش قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىگە قارىتا، يېقىندا بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مېييىجيا پاي كونترول چەكلىك شىركىتى (يەنى مېييىجيا باش ئىشتابى)نىڭ مەسئۇلى بىلەن قانۇن بويىچە مەسۇلىيەت ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە ئۇلاردىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»، شۇنداقلا «يېمەكلىك سېتىش، زەنجىرسىمان سېتىش كارخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش ئىشتاب، تارماق ئاپپارات، دۇكان قاتارلىقلارنى قاپلىغان تىجارەت باشقۇرۇش قاتلاملىرى، تىجارەت پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلىغان خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تۈزۈم-مېخانىزمى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ