
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ۋەزىيەتكە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بېرىشى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۆھبەت ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تالاش ـ تارتىشنى سىياسىي دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ